شىياۋمى بىلەن مىكروسوفت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتتى

133352rm7nnyq7fqpinf59.jpg

ئالىپ تورى خەۋىرى:

2-ئاينىڭ 23-كۈنى شىياۋمى بىلەن مىكروسوفت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە قاتتىق دېتال مەھسۇلاتى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ۋە چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىپ، شىياۋمى مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى يەر شارى مىقياسىدا كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزدى.

شىياۋمى بىلەن مىكروسوفت ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ:

بۇلۇت مۇلازىمىتى

شىياۋمى ئۆزلۈكسىز خەلقئارا بازارغا يۈرۈش قىلماقتا. شىياۋمى بىلەن مىكروسوفت ئورتاق نۇقتىلاردا ئىزدىنىپ، مىكروسوفتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇت سۇپىسى Azure تىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، خەلقئارا بازاردىكى شىياۋمى ئىشلەتكۈچىلىرىنى سانلىق مەلۇمات ساقلاش، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

خاتىرە كومپىيۇتېر تۈردىكى مەھسۇلاتلار

شىياۋمى بىلەن مىكروسوفت نۆۋەتتە ھەمكارلىشىپ خاتىرە كومپىيۇتېر تۈردىكى مەھسۇلات تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، بىرلىكتە بازار ئېچىش، سېتىش يوللىرى ھەققىدە كېڭىشىۋاتىدۇ. مىكروسوفت شىياۋمى مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا بازارغا كىرگۈزۈشكە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىدۇ.

مىكروسوفت Cortana بىلەن شىياۋمى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياڭراتقۇسى

ئىككى تەرەپ نۆۋەتتە مىكروسوفت Cortana بىلەن شىياۋمى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ياڭراتقۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقئارا بازارغا كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ بازار ئىگىللەش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ. شىياۋمى بىلەن مىكرسوفتنىڭ تەتقىقات، مەھسۇلات ۋە كەسىپ ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلام ئارا ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ تۈردىكى ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.

سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى چۆرىدەپ ، ئىككى تەرەپ كۆپ قاتلاملىق ، كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. بۇلار كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى، تاۋۇش، تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى، تېكىست كىرگۈزۈش، سۆھبەت تىپىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ، بىلىم ئامبىرى، ئىزدەش قاتارلىق مىكروسوفت سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىياۋمى بىلەن مىكروسوفتنىڭ ھەمكارلىقى 2015-يىلى باشلانغان. شىياۋمى Microsoft Azure بۇلۇت سۇپىسىنى ئىشلىتىپ «شىياۋمى بۇلۇت مۇلازىمىتى» نى قۇرغان. بۇ بۇلۇت سۇپىسىدا شىياۋمى ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ زاپاسلىغان ھۆججەتلىرى ساقلىنىدۇ.

2016-يىل 6-ئايدا مىكروسوفت بىلەن شىياۋمى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەمكارلىشىپ، شىياۋمى يانفونى ۋە تاختا كومپىيۇتېرغا مىكروسوفت Office、Skype قاتارلىق دېتاللارنى ئالدىن قاچىلىغان. شۇ چاغدا مىكروسوفت بىلەن شىياۋمى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆز-ئارا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇ ئارقىلىق مىكروسوفت شىياۋمى مەھسۇلاتىنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان. 2017-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى مىكروسوفتنىڭ CEO نادېللا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە شىياۋمى شىركىتىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، شىياۋمى شىركىتىنىڭ لىدىرى لېي جۈن بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە شىياۋمى پارچە سېتىش دۇكىنى «شىياۋمى ئائىلىسى» گە بېرىپ، شىياۋمى مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ كۆرگەن.

لېي جۈننىڭ بىلدۈرىشچە، IDC 2017Q4 دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا 2017-يىلى دۆلەت ئىچى يانفون بازىرى %15.7 تۆۋەنلىگەن، ئەمما شىياۋمىنىڭ يانفونلىرىنىڭ سېتىلىشى %57.6 ئاشقان.

بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاش ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى، كەلگۈسىدىكى تېخنىكا تەرەققىياتى، يېڭى مەھسۇلات يارىتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بازار كېڭەيتىش بوشلۇقىنى چەكسىز مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)