ئەر ئاياللارنىڭ توربېكەتتە ئىشلىتىدىغان پارولى ئوخشاشمايدۇ

t01f27bec8a47f213b7.jpg

سىنا پەن تېخنىكىسى 11.دېكابىر ئەتىگەنلىك خەۋىرى، ئۇزدىل تورى تەرجىمىسى:

ئالدىنقى ئايدا تېخنىكا كەسپىي ئۇچۇر مۇلازىمەت كارخانىسى EPC Group شېركىتى 600 نەپەر ئابونتقا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، 37% زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ توربېكەت سېستىمىسى پارولنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغاندا ئاندىن ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 11% ئابونت ئوخشاش بىر پارولنى (ياكى ئازراقلا ئۆزگەرتىپ) ئاز دېگەندە يەتتە يىل ئىشلىتىدىكەن.

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەر ئابونتلارنىڭ password نى پارول قىلىپ ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى ئاياللاردىن 2. 8 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ؛ ئاياللارنىڭ سۆيگىنىنىڭ ئىسمىنى پارول قىلىش ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى 1.3 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

22% زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئوخشاش بىر پارول ئارقىلىق بارلىق توربېكەتلەرگە كىرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى؛ پەقەت 14% ئادەملا ئوخشىمىغان تور بېكەتتە ئوخشىمىغان پارولنى ئىشلىتىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)