جوبسنىڭ چوڭ قىزى لىسا كىتاب چىقىرىپ دادىسىنى ئەسلىدى

20180318191829637.jpg

Grove Press نەشرىياتى بۇ ھەپتە ئالمىنىڭ مەرھۇم قۇرغۇچىسى سىتېۋ جوبسنىڭ چوڭ قىزى لىسا جوبس (Lisa Brennan-Jobs) ئانىسى كرىسان (Chrisann Brennan) بىلەن بىرگە ھەمكارلىشىپ بىر پارچە ئەسلىمىنى نەشر قىلدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ كىتابتا ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بۇ ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى ئۆتمۈشى خاتىرىلەنگەن. بۇ كىتابنىڭ نامى «Small Fry» ئىكەن. لىسا جوبسنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قانداق قىلىپ ئۆز تۇرمۇشىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلدى، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا جوبس ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى رەت قىلغانىكەن. ئەمما لىسانىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، جوبس بۇ قىزىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا بالدۇرراق قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن. 

ئەسلىمە كىتابتا مۇنداق بايان قىلىندى:

«لىسا كىچىك ۋاقتىدا دادىسى بىر ئەپسانىۋى شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى ئاز پەيدا بولاتتى. ئۇنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، دادىسى ئۇنى ياقتۇرۇشقا باشلىدى ھەمدە ئۇنى بىر ھەشەمەتلىك، راھەت ۋە خۇسۇسىي مەكتەپ بار يېڭى دۇنياغا ئېلىپ كىردى. ئۇنىڭ غەمخورلۇقى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئەمما ئۇمۇ بەزىدە رەھىمسىز، قۇسۇرچى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا كەسكىنلەشكەن ۋاقىتتا، لىسا دادىسى بىلەن بىرگە تۇرۇشنى قارار قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۇ ئىزچىل ئۈمىد قىلىپ كەلگەن كۆڭۈلىدىكى ئائىلە باشلىقى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

لىسا بۇ يىل 39 ياشتا، 2000-يىلى خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، ھازىر بىر كەسپىي يازغۇچى. جوبس قىزى ئۈچۈن ئالما چىقارغان كومپيۇتېرغا «Lisa» دەپ ئىسىم قويغان، ئۇ ۋاقىتتا Macintosh تېخى ئېلان قىلىنمىغانىدى. 

«Small Fry» ناملىق كىتاب 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سېتىلىشقا باشلايدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)