ئېلىمىز ئابۇنتلىرى ئىشلىتىدىغان ئوتتۇرىچە ئايلىق ئېقىم مىقدارى 7.2GB

2019090113132636085 (1).jpg

IT ئائىلىسى تورىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۈنۈگۈن جۇڭگو ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركىزى 44-قېتىملىق «جۇڭگو ئىنتېرنېتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئىستاتىستىكا دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئابۇنتلىرى ئىشلىتىدىغان ئايلىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 7.2GB بولۇپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 1.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، كۆچمە ئىنتېرنېت ئېقىم مىقدارى ئىستېمالى 55 مىليارد 390 مىليون GBغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %107.3 ئاشقان.

جۇڭگو ئىنېرنېت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى زېڭ يۈ مۇنداق دېدى:«بۇ ئېشىش <سۈرئەت تېزلىتىپ ھەق تۆۋەنلىتىش>نىڭ كۆچمە ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بەش يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، كۆچمە كەڭ بەلباغنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى تەخمىنەن ئالتە ھەسسە تېزلەشتى، يانفوندا تورغا چىقىش ئېقىم مىقدارىنىڭ ھەق ئېلىش سەۋىيەسى %90تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىلدى. ئېلىمىز ئابۇنتلىرىنىڭ ئايلىق ئېقىم مىقدارى 7.2GBغا يېتىپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 1.2 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.»

ئۇنىڭدىن باشقا، تور نامى جەھەتتە ئېلىمىز تور نامى ئومۇمىي سانى 48 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە «CN» تور نامىنىڭ سانى 21 مىليون 850 مىڭ بولۇپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %2.9 ئاشقان، جۇڭگو تور نامىنىڭ ئومۇمىي ساندا ئىگىلىگەن نىسبىتى %45.5 بولغان.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)