iPhone 11 يانفونى 13-سېنتەبر زاكاس ئېلىشنى باشلايدۇ

2019083123123296766.jpg

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما شىركىتى تۈنۈگۈن 2019-يىللىق كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش ۋاقتى ۋە ئورۇن ئۇچۇرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يەنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى سىتىۋ جوبىس تىياتىرخانىسىدا ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرلىشىچە، ئالما بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۈچ خىل يېڭى iPhone ۋە Apple Watch ئېلان قىلىدىكەن، يېقىندا بۇ يېڭى مەھسۇلاتنىڭ زاكاز قىلىنىش ۋە سېتىلىش ۋاقتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئاشكارىلاندى.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالمىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى iPhone 11 يۈرۈشلۈكى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قوبۇل قىلىدىكەن ھەمدە بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قىلغان خېرىدارغا مال ئەۋەتىشنى باشلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جايلاردىكى ئالما بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىمۇ بىر-بىرلەپ دۇكانغا مال كىرگۈزىدىكەن.

يېڭى تىپتىكى iPhone نى ئالدىن زاكاز قىلىش پائالىيىتى ئادەتتە ئالما مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە باشلىنىدۇ، تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن ھەرقايسى چوڭ بىۋاستە سېتىش دۇكانلىرى ئارقا-ئارقىدىن مال سېلىشقا باشلايدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2017-يىلى ئېلان قىلىنغان iPhone X ۋە 2018-يىلى ئېلان قىلىنغان iPhone XR بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ قېتىم iPhone 11 يۈرۈشلۈكىدىكى بارلىق ئۈچ خىل يېڭى مەھسۇلات كۆپچىلىك بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)