جۇڭگودىكى 2019-يىللىق 500 كۈچلۈك كارخانا ئېلان قىلىندى

ee74f97152104d1ea5283b7aa1198c5f_th.png

IT ئائىلىسى تورىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگودىكى 2019-يىللىق 500 كۈچلۈك كارخانا ئېلان قىلىندى. جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى ئىككى تىرىليون 740 مىلياردلىق تىجارەت كىرىمى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، جۇڭگو نېفىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئايرىم-ئايرىم ئىككى تىرىليون 600 مىليارد، ئىككى تىرىليون 560 مىلياردلىق تىجارەت كىرىمى بىلەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلدى.

پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 13-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 741 مىليارد 480 مىليون يۈەن؛ خۇاۋېي مەبلەغچىلىكى 15-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 721 مىليارد 202 مىليون يۈەن؛ سۇنىڭ پاي كونترولى 19-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 602 مىليارد 456 مىليون يۈەن؛ جىڭدوڭ 35-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 462 مىليارد 20 مىليون يۈەن؛ جۇڭگو تېلېگرافى 37-ئورۇنغا تىزىلغىنى، تىجارەت كىرىمى 454 مىليارد 492 مىليون يۈەن؛ ئەلى بابا 45-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 376 مىليارد 844 مىليون يۈەن؛ ليەنشياڭ گۇرۇھى 53-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 337 مىليارد 601 مىليون يۈەن.

تېڭشۈن پاي كونترولى 60-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 312 مىليارد 694 مىليون يۈەن؛ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى 69-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 292 مىليارد 185 مىليون يۈەن؛ خەيئېر گۇرۇھى 79-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 266 مىليارد 118 مىليون يۈەن؛ مېيدې گۇرۇھى 80-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 261 مىليارد 800 مىليون يۈەن؛ گېلى ئېلېكتىر ئۈسكۈنلىرى شىركىتى 102-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 200 مىليارد 24 مىليون يۈەن؛ شياۋمى گۇرۇھى 113-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 174 مىليارد 915 مىليون يۈەن؛ TCL گۇرۇھى 164-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 113 مىليارد 360 مىليون يۈەن؛ بەيدۇ 237-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 81 مىليارد 912 مىليون يۈەن؛ ۋاڭيى شىركىتى 269-ئورۇنغا تىزىلدى، تىجارەت كىرىمى 67 مىليارد 156 مىليون يۈەن.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)