«باي دادا، نامرات دادا» ئاپتورىنىڭ مەغلۇپ بولۇش تەجرىبە-ساۋاقلىرى

timg.jpg

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2012ـ يىلى «باي دادا، نامرات دادا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى روبېرت تورۇ كىيوساكى ئىگىلىكىدىكى بىر شىركەت ۋەيران بولغانلىق ئىلتىماسىنى سۇندى، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشىغا قارىتا مۇنداق ئىككى خىل قاراش بار:

بەزىلەر بۇنى يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مىسالى دەپ قارايدۇ: روبېرت كىيوساكىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى نۇتۇق سۆزلەشتىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئۆزىنىڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەر شارى باي چەكلىك شىركىتى بىلەن Learning Annex مائارىپ ئاپپاراتى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىللە تەشكىللەيدۇ. نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق كىرىمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، يەر شارى باي چەكلىك شىركىتى Learning Annexمائارىپ ئاپپاراتىدىن ھېساباتنى تولۇق بوغۇپ بولالمىغان. ئەڭ ئاخىرىدا 2012-يىلى Learning Annex مائارىپ تەشكىلاتى يەر شارى باي چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ھەمدە دەۋادا ئۇتۇپ چىقىپ 24 مىليون تۆلەم پۇلىغا ئېرىشكەن. گەرچە روبېرت كىيوساكىنىڭ شەخسىي نامىدا يەنە نۇرغۇن باشقا مۈلۈكلەر بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا يەر شارى باي چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىنى ۋەيران قىلىشقا رازى بولۇشتا چىڭ تۇردى (چەت ئەلدە، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇشى شەخسىي مۈلۈككە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ). چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۆزى 24 مىليون تۆلەم پۇلىنى تولۇق سومما بويىچە تۆلەپ بەرمىسىمۇ بولاتتى. شۇڭا، بۇ ئىش روبېرت كىيوساكىنىڭ ئىقتىسادىي سودا ئېڭىنىڭ قانچىلىك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەردى، ئۇ بىر ئاددىي ئۇسۇل بىلەنلا تولۇق سوممىلۇق قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قالدى.

ئوخشاش ۋەقەنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى ئوخشاش بولمىسا ئەھۋال يەنە باشقىچە بولىدۇ. يەنە بەزىلەر بۇ روبېرت كىيوساكىنىڭ قۇرۇق جازا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، چۈنكى بۇ قىلمىش ئۇنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى، دەپ قارايدۇ. 2012- يىلىدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، ئۇنىڭ ئىناۋىتى ھەقىقەتەن چۈشۈپ كەتتى، رېئال ئەھۋال ئۇنىڭ كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن خاتالىق ئۆتكۈزسە ناھايىتى نومۇس قىلىدىغان، توغرا يولدا ماڭىدىغان، ئوبرازىغا دىققەت قىلىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلمايدىغان تەسۋىرلەر بىلەن پەرقلىنىپ تۇراتتى.

روبېرت كىيوساكى ۋە ئۇنىڭ «باي دادا، نامرات دادا» ناملىق كىتابىغا قانداق قاراش كېرەك؟ مەن شەخسى قارىشىمنى ئېيتىپ باقاي، ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن يەنىلا پارلاق نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياكى بالىلىرىنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئاقىلانە تەدبىر بەلگىلەشكە ئىرادە باغلىغان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ كىتابلىرى يەنىلا ئىنتايىن پايدىلىق. بىزمۇ كىتابتا بىرەر قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرمىدۇق. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇنىڭ «باي دادا، نامرات دادا» ناملىق كىتابىدا مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى كونكرېت مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىغان، ئۇ سىزنى مەبلەغ سېلىش ساھەسىگە باشلاپ كىرىدىغان بىر كىتاب، سىزنى بايلىق تەپەككۇرىغا باشلايدۇ، لېكىن مەبلەغ سېلىشتىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلمايدۇ، بۇ مەسىلە ناھايىتى كونكرېت، بىز ئۇنى مۇنداق يىغىنچاقلايمىز: «قاچان؟ سېتىۋالامسىز ياكى ساتامسىز؟ قانچە سوممىلىق؟ قايسى خىل مۈلۈك؟» كە مەبلەغ سېلىش تەدبىرى ناھايىتى كونكرېت مەسىلە بولۇپ، سىز پىكىر يۈرگۈزگەندە، ئەھۋالنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىش بولىدۇ.

2002-يىلى، روبېرت كىيوساكى 2016-يىللىق ئامېرىكا پاي چېكى زور دەرىجىدە ۋەيران بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى، ئەمما بۇ ئالدىن مۆلچەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن روبېرت كىيوساكى 2016-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتسە، ئامېرىكا پاي چېكى باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ، بولمىسا ۋەيران بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن. نەتىجىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 2016-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ئۆسۈم كېمەيتىشنى باشلىغان، ئامېرىكا پاي چېكى داۋاملىق ئۆرلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ مۆلچەرىچە يەنە 2018-يىلىدىكى بىت تەڭگىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى ئەتراپىدا بىت تەڭگىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدىكەنتۇق.

كۆپچىلىك روبېرت كىيوساكىنىڭ مىساللىرىدىن مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى خۇلاسىلىدى:

1. مەبلەغ سېلىش تەدبىرى، ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر بولۇپ، مېتودولوگىيە بولمىسا بولمايدۇ، لېكىن پەقەت مېتودولوگىيەلا بولۇپ، مەبلەغ سېلىش تۈپ سانى، ئۇچۇر يولى، بىلىم-تونۇش بولمىسىمۇ بولمايدۇ.

 بىز ئالدىنقى بىر مەزگىلدە نېمە ئۈچۈن ئىقتىسادشۇناسلىق ھازىر شۇنداق قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى دېگەن مەزمۇن ھەققىدە توختالغانتۇق، چۈنكى مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىق كىشىلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھازىرقى زامان كىشىلىرى بارلىق تەدبىرنى ئۆزى چىقىرىشى كېرەك، ھەم تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالمىسا بولمايدۇ.

2. توغرا ئۆلچىيەلمەسلىك ۋە ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇش.

كۆپىنچە ئەھۋالدا، ئۈنۈملۈك كاپىتال بازىرىدىكى پاي باھاسى ئىختىيارىي يۆتكىلىپ كېتىدۇ، ياكى بولمىسا، كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا كەلگۈسىدىكى نەق پۇل ئېقىم مىقدارىنى سىز توغرا مۆلچەرلىيەلمەيسىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، گەرچە كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا شەيئىلەرنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئىزدەيسىز، ھەممە شەيئىنىڭ تاسادىپىي ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن قېرىلىشىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىش، سىز قانداق قىلىپ ئادەمنى بىر كېچىدىلا ياشارتىسىز، بۇ بىر مەسىلە. يەنە مەسىلەن، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىشىشىمۇ چوڭ ئېھتىماللىق ۋەقەسىدۇر. شۇڭا، مەبلەغ سېلىش ئېھتىماللىقنى ئىزدەش لازىم، ئاندىن ئېھتىماللىقنى مۆلچەرلەشتە مەغلۇپ بولۇشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك بولىدۇ.

3. مائارىپچىلارغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق چوقۇم نام چىقىرىپ ئۇتۇق قازىنالىش ناتايىن.

جۇ گېلياڭ نېمىشقا پادىشاھ بولمايدۇ؟ تارىختا يەنە بىر شەخس بار، ئۇمۇ مائارىپشۇناس ئىدى، يەنى «زۇلۇ قائىدىسى» نىڭ ئاپتورى جىم سلەيتېر 1975-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادى زور دەرىجىدە كاساتلىشىپ كەتكەچكە ۋەيران بولغان، شۇ يىلى باففېتنىڭ نەتىجىسى %4 ئىدى. كېيىنكى يىلى باففېتنىڭ مەبلىغى ئاساسەن ھەسسىلەپ ئاشقان، لېكىن جىم سلەيتېر مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىن ئايرىلىپ قالغان. يەنە بىر ئادەم، پېترولىنچ ئەڭ ئاخىرىدا جىم سلەيتېرنىڭ مەبلەغ سېلىش پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، بۇ PEGئۇسۇلى شۇ، يەنى كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ئېشىش نىسبىتى بىر پاي چېكىدە پايدىلىنىدىغان بازار پايدىسى نىسبىتى بولۇشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)