تېسلا ئىسلاندىيەدە تۇنجى مۇلازىمەت مەركىزىنى تەسىس قىلدى

2019091013003560390.jpg

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

توكلۇق ئاپتوموبىل كەسپى ئاخبارات تورى Electrek نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېسلا نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىسلاندىيە بازىرىغا رەسمىي يۈرۈش قىلغان ھەمدە رېيكياۋىك رايونىدا تۇنجى مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېسلانىڭ Model S ،Model X ۋە Model 3 دىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىپتىكى توكلۇق ئاپتوموبىلمۇ ئىسلاندىيە ئىستېمالچىلىرىنىڭ توردا زاكاز قىلىشىنى رەسمىي باشلىغان.

ئىسلاندىيە توكلۇق ئاپتوموبىلنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدىغان دۆلەت. ئىسلاندىيە بىر ئارال دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېنزىن خېلىلا قىممەت. نۆۋەتتە ئىسلاندىيەدە پاكىز ئېنېرگىيىلىك توك تارقىتىش مىقدارى %100 كە يېتىدۇ، بۇ توكلۇق ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ مۇھىت بۇلغىمايدىغان قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسلاندىيەنىڭ نوپۇسى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، تەخمىنەن 350 مىڭ ئادەم بولسىمۇ، لېكىن تېرېكياۋىك رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى نوپۇس خېلى زىچ مەركەزلەشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرنىڭ ئىشقا چىقىش ۋاقتى نىسبەتەن قىسقا بولۇپ، كۆپ ساندىكى توكلۇق ئاپتوموبىللار خىزمەت ئورنىنىڭ ھەممىسىنى قاپلىيالايدۇ.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، يۇقىرىقى ئەۋزەللىكلەر ئىسلاندىيەدىكى توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇلتۇر ئىسلاندىيەدە سېتىلغان توك قاچىلايدىغان ئاپتوموبىلنىڭ سانى گەرچە نەچچە مىڭ بولسىمۇ، لېكىن ئىسلاندىيەدە ئاپتوموبىل ئومۇمىي سانىنىڭ %15 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بۇ نىسبەت دۇنيادىكى باشقا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى.

ئېنىقكى تېسلانىڭ بۇ قېتىم ئىسلاندىيە بازىرىغا يۈرۈش قىلىشى ئۇنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا بەزى تەھلىلچىلەر ئىسلاندىيەنىڭ ناھايىتى كىچىك بازار ئىكەنلىكىنى، تېسلاغا ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن تېسلانىڭ بۇ تەدبىرىنىڭ ئەھمىيىتى زور، چۈنكى بۇ توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇملىشىشىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق. ئىسلاندىيەنىڭ ناھايىتى تېزلا توكلۇق ئاپتوموبىل دەۋرىگە كىرىدىغانلىقىغا ھەمدە تېسلانىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلىنى ساياھەتچىلىك ساھەسىگە ئېلىپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)