دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن توربەت 18.939 كىلومېتىر كېلىدۇ

360截图-573618640.jpg

ئۇزدىل تورى 8-سىنتەبىر خەۋىرى: 

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تور بەت The World Highest Website نىڭ ئۇزۇنلۇقى يەنى ئېگىزلىكى تەخمىنەن 18.939 كىلومېتىر بولۇپ، ئەگەر سىز Gecko توركۆرگۈچىنى ئىشلەتسىڭىز، بۇ سانلىق قىممەتنىڭ ئېنىلىق دەرىجىسى 18.939583 كىلومېتىرغا بارىدۇ، ئەگەر مائۇسنىڭ سىيرىلما كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۈستىدىن ئاستىغا سىيرىپ ماڭسىڭىز، بىر قېتىملىق سىيرىش ئۇزۇنلۇقىنى 3 سانتېمىتىر دەپ پەرەز قىلغان ئەھۋالدا، ھەر سېكنۇتتا 2 قېتىملىق سۈرئەتتە سىيرىساق، تولۇق سىيرىپ بولۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 80 سائەتتەك ۋاقىت كېتىدۇ. 

بۇ توربەتتە باشقىچە ئالاھىيدە مەزمۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ھەركۈنى نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلار كېلىپ زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ توربەت 40 تىن ئارتۇق تىلدىكى يېزىق ئۇچۇرىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تېخى قوشۇلمىغان، ئۇزدىل ئەترىتى توربېكەت باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇرچە بېتى قوشۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. 

تور ئادرىسى:

http://worlds-highest-website.com 

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)