شىنجاڭ ئەقلىي ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلەشمەكتە

u=3267746335,2348507060&fm=15&gp=0.jpg

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت جاۋ شىڭمېي خەۋەر قىلىدۇ:

«بۇلۇت» ئۈستىدىكى ئالاقە تورى، «بۇلۇت» ئاستىدىكى ئەقلىي ياسىمىچىلىق، شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى سانائەت ئالاقە تورى بىلەن «قۇدىلىشىش» ئارقىلىق، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 2018 - يىلىلا، شىنجاڭدا ياسىمىچىلىق بىلەن ئالاقە تورىنى بىرىكتۈرۈپ ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كارخانىدىن 12سى، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق دېتال كارخانىسىدىن 150ى يېڭىدىن كۆپەيگەن، 6300 نەچچە كارخانا «شىنجاڭ كارخانىلىرىنى بۇلۇتقا چىقىرىش» پىلانىغا كىرگەن.

شىنجاڭدىكى سانائەت ئالاقە تورىنى ئەڭ بالدۇر قوللانغان كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئۈچ يىلدىن بۇيان جەمئىي 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش مەخسۇس تۈرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: يۈرۈشۈش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، سانائەت ئالاقە تورى قۇرۇلۇشى جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسىنىڭ قۇۋۋەت كۆزلىمە ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ساھە ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %5 ئۆستۈردى، توك تارقىتىش ئۈنۈمىنى %10 - %5 ئاشۇردى، قۇرۇلۇش قىلىش مۇددىتىنى %10 - %5 قىسقارتتى، تەننەرخنى %3 - %1 تۆۋەنلەتتى، شامال ئېلېكتىر مەيدانىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش تەننەرخىنى %3 - %1 تۆۋەنلەتتى، زور سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى نۆل بولدى.

شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ياسىمىچىلىق بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى يۇقىرى ساپلىقتىكى كىرىستاللىق سىلىتسىي ماتېرىيال ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى %28 ئاشۇردى، تىجارەت تەننەرخىنى %25 تۆۋەنلەتتى، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ياساش مۇددىتىنى %30 قىسقارتتى، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %15 ئۆستۈردى. بۇ شىركەتنىڭ «يۇقىرى ساپلىقتىكى سىلىتسىي ئۇل يېڭى ماتېرىيال كارخانىلىرىنى تورلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ، توپلاشتۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش سىناق نۇقتىسى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 2018 - يىلىدىكى سانائەت ئالاقە تورىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.

كارخانا بۇلۇتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى،AGV ماشىنا ئادىمى... جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا چەكلىك شىركىتى زاۋۇت قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا، سانائەت بۇلۇت تېرمىنالىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت قۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان. «بىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك توپلايدىغان، يىغىدىغان بىر سىستېما قۇرۇۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق نەق مەيدان مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە <بۇلۇت>تىن سانلىق مەلۇمات يىغالايمىز.» شىركەت مەسئۇلى ۋۇ جېڭچۇن مۇنداق دېدى: ئىلغار تېخنىكىغا تايىنىپ، بۇلتۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىركەت 220 مىليون يۈەنلىك يىللىق سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، مەھسۇلاتى خەلقئارا بازارغا كىردى.

سانائەت ئالاقە تورى رەقەملىك ئىقتىساد بەرپا قىلىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندى. 2018 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ياسىمىچىلىق بىلەن ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت ئالاقە تورى كەسىپلەر ئىتتىپاقىنى تەييارلىق قىلىپ قۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، خاسلاشقان بۇيرۇتۇپ ياساش، مۇلازىمەت تىپىدىكى ياساش، تورلاشقان ماسلىشىش قاتارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا رەقەملەشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %70تىن ئاشتى. بىر قىسىم كارخانىلار كەپشەرلەش، پۈركۈپ سىرلاش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ماشىنا قول، ماشىنا ئادەم ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، ئەمەلىي قوللىنىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

يىرىك پىلان بويىچە، 2020 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ يەتكۈزۈش ۋاقتى قىسقا، ئىشەنچلىكلىكى يۇقىرى، قاپلىشى كەڭ بولغان سانائەت ئالاقە تورى تور ئۇل ئەسلىھەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقىدۇ؛ 2025 - يىلىغا بارغاندا خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن ئىككىدىن ئۈچكىچە سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرىدۇ، شەكىللەندۈرىدۇ، 100 سانائەت كارخانىسىنىڭ سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىغا تايىنىپ رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە نۇقتىلىق تۈرتكە بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)