ئۇزدىل تورىغا بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى قىستۇرمىسى قوشۇلدى

uzdil-altun.jpg

ئۇزدىل تورى 9-سىنتەبىر خەۋىرى:

بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى قىستۇرمىسى ئۇزدىل تورىنىڭ باش بەت يان سەھىپىسىدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. بۇ قىستۇرما ئۈچىنجى تەرەپ تەمىنلىگەن ھەقلىق API دىن ئۇچۇر ئوقۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، سانلىق ئۇچۇرنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى تېز، ماس قەدەمدە ئەڭ توغرا ئۇچۇرنى كۆرسىتىپ بېرىشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. 

نۆۋەتتە بۇ قىستۇرما پەقەت ئۇزدىل تورىنىڭ كومپىيۇتېردا زىيارەت قىلىدىغان نەشىرىدە نورمال كۆرۈنىدىغان بولۇپ، يانفون قاتارلىق باشقا كىچىك ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەردە كۆرۈش ئىقتىدارى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، پات ئارىدا تورداشلارغا ئېچىۋېتىلىدۇ.

ئۇزدىل تورى بۇ قىستۇرما ئاساسىدا يەنە خەلق پۇلى پىرىۋوت نىسبىتى، تەييار ماي قاتارلىق كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنى ئۈنۈملۈك كۆرسىتىش قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ لازىملىق قوراللار ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. 

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (2)

ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.
بلوگنىڭ چ چ نومۇر ئارقىلىق ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ئىقتىدارى نۇرمال ئەمەس ئىكەن.
ئىزقۇت 1 ھەپتە بۇرۇن (2019-09-09) جاۋاب
@ئىزقۇت:يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تەكشۈرۈپ بېقىپ تۈزىتىپ قوياي.
ئۇزدىل 1 ھەپتە بۇرۇن (2019-09-09) 回复