ئېلىمىزنىڭ ‫5G تور قۇرۇلۇش پىلانى ئوتتۇرغا قويۇلدى

221652rbtf6fyblfz94dp2.png

ئالپ تورى مۇنبەر ئەزاسى ئەپچىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭشىن جىڭۋېي ئابونتلار تېرمىنالىنىڭ تولۇقسىز مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چوڭچىڭ، تيەنجىن، خاڭجۇ، سۇجۇ، ۋۇخەن، جېڭجۇ، شېنياڭ قاتارلىق 11 شەھەرنىڭ 5G ئاساسىي پونكىت قۇرۇلۇشى ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىنغان.   

بۇنىڭ ئىچىدە :

1. بېيجىڭدا 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر بويىچە  5G ئاساسىي پونكىتىدىن 10 مىڭى قۇرۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.  

2. شاڭخەي 2019-يىلى 5G  ئاساسىي پونكىتىدىن 10 مىڭنى قۇرۇشنى پىلانلىدى، 2020-يىلى جەمئىي  5G  ئاساسىي پونكىتىدىن 20 مىڭنى قۇرىدۇ.  

3. گۇاڭجۇ 2019-يىلى 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 20مىڭنى تۆۋەن قىلماسلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، 2021-يىلى پۈتۈن شەھەردە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 65مىڭنى قۇرىدۇ.  

4. شېنجىن 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جەمئىي 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 15مىڭنى قۇرۇشنى پىلانلىدى.  

ئاشكارا خەۋەرلەرگە قارىغاندا:  

بېيجىڭ 2021-يىلىدىكى نۇقتىلىق ئىقتىدار رايونى 5G تورى بىلەن قاپلىنىشنى بېكىتتى.  

شاڭخەي 2020-يىلى 5G نى تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.  

گۇاڭجۇ 2021-يىلى ئاساسىي شەھەر رايونى ۋە نۇقتىلىق رايونلاردا 5G تورىنى ئۇدا قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.  

شېنجېن شەھىرى 2020-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا  5G تورىنى پۈتۈن شەھەر بىلەن قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.  

ۋۇخەن 2021-يىلىغىچە 5G بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتتى.

بۇمۇ باشقا 3-، 4-، 5- قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ 5G نى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلاش ۋاقتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 2021-يىلىدىن كېيىن بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ،  5G تور شىنجاڭغىمۇ 2021 - يىلى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدۇ دېگەن گەپ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)