ئۇزدىل تورىنىڭ 9-ئايلىق ئون تۈرلۈك تەرەققىيات پىلانى

498.jpg

ئۇزدىل تورى قۇرۇلۇپ تەرەققي قىلىپ، نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقىنىغا نەق 10 يىل بولدى. تور تېخنىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ۋاز كېچىشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تورداشلار خالىس قوللىدى، ھېلىھەم يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىۋاتىدۇ. 

شۇ قوللىغۇچىلىرىمىزغا قىلىپ بېرەلەيدىغان بىردىنبىر ئىشىمىز تەرەققىيات، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇزدىلدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. بىزمۇ قىلغان ئەجرىمىز ئۈچۈن خۇشال بولىمىز. پىلان بولغاندا نىشاندىن ئاداشماي، تېزراق كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇزدىل تورى قايتا ئەسلىگە كەلگەن خۇشاللىق پەيتتە بىر ئاي ئىچىدە نۇقتىلىق پۈتتۈرىدىغان خىزمەتلىرىمىزنى تۆۋەندىكىدەك پىلان قىلدۇق:

1. مەزمۇن يېڭىلاش
ئۇزدىل تورىنىڭ سەھىپىلىرىنى قايتىدىن رەتكە سېلىپ، ھەربىر سەھىپىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتكەندىن كېيىن، يازما يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىشقا چوڭقۇرلاپ چۆكۈپ، كۈنلۈك مەزمۇن يېڭىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. 

2. يىنىك نۇسخا
رەسىمسىز يىنىك نۇسخىدىكى يانفون زىيارەت بېتىنى تەمىنلەش ئارقىلىق تورداشلارغا ئېقىم مىقدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تىجەيدىغان ھەمدە تور سۈرئىتى ئاستا مۇھىتتىمۇ بىمالال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان يانفون نەشىرىنى تەمىنلەپ، يانفون ئارقىلىق ئەسەر يېزىش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلىدۇ. 

3. يېڭى قىستۇرما
يېڭىدىن ئېلان قىلغان ئالتۇن باھاسىنى كۆرسىتىش قىستۇرمىسىنىڭ تېخنىكا ئاساسىدا خەلق پۇلى تاشقى پىرىۋوت نىسبىتى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن قوللىنىشچان قىستۇرمىلارنى تۈزۈپ، ئۇزدىل تورىنىڭ قوللىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. شۇنداقلا بۇ قىستۇرمىلارنى يانفون نەشىرىدە زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 

4. ئۈندىدار ئەپچاق دىتالى
ئۈندىدار ئابونتلىرىنىڭ ئۇزدىل تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەپچاق دىتالىنى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىپ ئورگان تەرەپكە تەستىقلاشقا ئەۋەتىپ بېرىمىز. 

5. سىن دەرسلىك
پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇزدىل تۈزۈپ تارقاتقان 149 قىسىملىق تور تېخنىكا سىن دەرسلىكىنى داۋاملىق كەڭ تۈردە تەشۋىقات قىلىمىز. 

6. ھەقسىز دەرسلىك
ئۇزدىل تور تېخنىكىسى uzdil.net تىكى كەم قالغان مەزمۇنلارنى داۋاملىق تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرىمىز. 

7. تەرجىمە خىزمىتى
خەلقئارادىكى كۆپلىگەن ئېچىۋېتىلگەن كۆپ تىللىق توربېكەت سېستىمىسى، لۇغەت، قامۇس ۋە تەرجىمە سىستېمىلىرىغا داۋاملىق ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەمىنلەپ، ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتىگە يېتەرلىك كۈچ چىقىرىمىز. 

8. ئەزا مەركىزى
ئۇزدىل تورىنىڭ ئەزا مەركىزىنى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىپ، سىناقتىن ئۆتسە تىزىملىتىپ كىرىش ۋە ئەسەر يوللاش ئىقتىدارىنى ئالدى بەتتە كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. 

9. ھەقسىز ئېلان
يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان 2 كوي تورىنىڭ ئۇسلۇبىنى ھەرقانداق ئېكرانغا ماسلىشالايدىغان يېڭى ئۇسلۇبتا قۇرۇلمىلاپ، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەم جايلىرىنى تولۇقلاپ، تورداشلارغا قوللىنىشچان ھەقسىز ئېلان مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىمىز. 

10. ئېلان تەشۋىقات
ئۇزدىل تورىنىڭ سىرتقى ھەمكارلىق ۋە ئېلان تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ ئۇزدىلنى تېپىۋېلىشى ئۈچۈن تىرىشىمىز. 

كەم قالغان جايلىرىغا قارىتا تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. 

كامالىي ئېھتىراملار بىلەن:
مەردان ئەخمەت ئۇزدىل
2019-يىلى 9-سىنتەبىر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (1)

رەھمەت سىزگە ،  يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردىمۇ بىزنى ئۇنتۇمىدىڭىز
elgekmedia 5 كۈن بۇرۇن جاۋاب