eBay شىركەت بەلگىسى يالىڭاچ قىزنىڭ رەسىمىگە ئالمىشىپ قالدى

1953751f36d64d0b8c51a5e36354d1bc.JPG

سوخۇ پەن-تېخنىكا خەۋىرى، ئۇزدىل تورى تەرجىمىسى:

داڭلىق تورسودا بېكىتى eBay نىڭ ئابونتلىرى بۇ شىركەتنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىدىكى بەلگىسىنىڭ يالىڭاچ قىزنىڭ سۈرىتىگە ئالمىشىپ قالغانلىقىنى ھەيرانلىق بىلەن بايقىدى. ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت مۇتەخەسىسلىرى خاككېرلار ھۇجۇمى دەپ ئەندىشە قىلماقتا. 

بۇ ۋەقەدە Microsoft Outlook قوللىنىشچان پروگرامما قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدىكى پونكىت ئابۇنىچىلىرى بىردىنبىر تەسىرگە ئۇچرىغان ئابۇنىچىلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ خېرىدارلار ئۇلارنىڭ زاكاز تالونىنىڭ مال تارقىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈۋاتقاندا، شىركەتنىڭ ئەنئەنىۋى بەلگىسى ئورنىدا يالىڭاچ قىزنىڭ رەسىمىنى بايقىغان. 

بۇ ئىش نۇرغۇن گۇمانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ساتقۇچى بىلەن خېرىدار شىركەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىنچىكە ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولىدۇ. مەسىلەن، تىۋىتتىر ئابونىتى chlo_imrie ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئىزنەك سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ، باغاقچىغا eBay نى بەلگە قىلىپ قويدى ھەمدە «نېمە ئۈچۈن بۇ سۈرەت شىركەتنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىدا پەيدا بولىدۇ، مەن چۈشەنمىدىم» دەپ سورىدى. 

شىركەتنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى : «بىزنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتىمىز مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، مىكروسوفت بىزنىڭ ئەنگىلىيەدىكى eBay خېرىدارىمىزنىڭ ئاساسلىق ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سودىگەرلەرنىڭ بىرى.» بۇ باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقە پەن - تېخنىكا ماگناتىدا ئەمەس، eBay دە يۈز بەرگەن. باياناتچى تولۇقلاپ مۇنداق دېدى : «ئىككى شىركەت بۇ ئىشنى تىرىشىپ ھەل قىلىۋاتىدۇ.»

گەرچە كۆپ ساندىكى خەۋەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئابۇنىچىلار تىۋىتتىر شەخسىي ماتېرىيالىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ۋەقەنى  بىر مەيدان قىزىقارلىق ۋەقە دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بۇ ياخشى خەۋەر ئەمەس. خەلقئارا تور بىخەتەرلىكى تەتقىقات ئورنى ( IICS ) نىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ كەينىدە بىر خەتەرلىك خاككېر تەشكىلاتى بايقالغان، شۇڭا بۇ شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك ئەترىتى eBay سىستېمىسىنى نازارەت قىلىشنى توختاتماسلىقى، ھەرقانداق تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىك ئىسپاتىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى : «شىركەت ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، چوقۇم ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ھەر بىر خىل مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىشى كېرەك». 

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)