بېكەت قۇرغۇچىسى مەردان ئەخمەت ئۇزدىل ھەققىدە

 

2015 يىلى 3-يانۋار ئۈرۈمچى دە  تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسىسىلەر مۇنبىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
(ئوڭدىن: شىنجاڭ IT ئۈچ ئومۇمىي يىغىنى باش كاتىپى 苏国平، ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام، ئۇزدىل تورى مەسئۇلى مەردان ئەخمەت.)

ئاساسىي ئۇچۇرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى: مەردان ئەخمەت ئۇزدىل

خەنزۇچە ئىسمى: 买尔旦·艾合买提

مىللىتى: ئۇيغۇر

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1986.12.21

دۆلەت تەۋەلىكى: جۇڭگو

يۇرتى: شىنجاڭ قەشقەر

بوي ئېگىزلىكى: 176

بەدەن ئېغىرلىقى: 78

پۈتتۈرگەن مەكتىپى: شىئەن ئېلىكتىرون پەن - تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى

ھازىرقى خىزمەت ئورنى: جۇڭگو نېفىت شېركىتى تارىم نېفىتلىكى تارماق شېركىتى غەربىي جەنۇبىي تارىم نېفىت شېركىتى ئاممىۋىي خىزمەت باشقارمىسى

قىسقىچە تەرجىمھالى

1986.يىلى 12.ئايدا قەشقەر پوسكام نېفىتتا تۇغۇلۇپ، تولۇقنى پۈتتۈرگىچە شۇ يەردە ئوقۇغان.
2004.يىلىدىن باشلاپ نىڭشىيا ئۇنۋېرسىتىتىدا 2 يىل، شىئەن ئېلېكتىرون پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا ئېلېكتىرون ئىلمىي ۋە پەن تېخنىكىسى كەسپى بويىچە 4 يىل بىلىم ئاشۇرغان.
2010.يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ مايتاغ تېخنىكومدا 1 يىل بىلىم ئاشۇرۇپ پوسكام نېفىت خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى ئاممىياك سېخىغا خىزمەتكە چۈشكەن. ھازىر پوسكام نېفىت ئاممىۋىي خىزمەت باشقارمىسىدا خىزمەتتە.
ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويغاندىن بۇيان كەسىپنى ياخشى ئىگەللەپ مەملىكەتلىك ئېلېكتىرون تېخنىكا مۇسابىقىلىرىدە ياخشى نەتىجە يارىتىپلا قالماستىن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىيەت قىلىپ ئۇيغۇرچە كۆپلىگەن دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، خەلقئارالىق داڭلىق توربېكەتلەرگە ھەقسىز ئۇيغۇرچە بولاق تەمىنلەپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە كۆپلىگەن توربېكەتلەرنى ياساش خىزمىتىگە قاتناشقان.

شەخس ھەققىدە

2009-يىلىدىن باشلاپ PHP تىلىغا قىزىقىپ ، ھەم LAMP تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگېنىشكە باشلىغان.
2009-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ئىزدەش ماتورى سەبۇرىنى قۇرۇپ بەيدۇ قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنداقلا ئۇزدىل تور تېخنىكا مەركىزى نامىدا 150 قىسىملىق تور تېخنىكا فىلىم دەرسلىكى تارقىتىش ۋە ھەقسىز شېركەت سېستىمىسى ئۇيكومنى تەمىنلەش قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە ئىشتىن سىرت ئۇيغۇر ئۈندىدار سودىگەرلىرى ئىتتىپاقى ئۇزسودا uzsoda سالونىنى ۋە ھەقسىز تور تېخنىكا دەرسلىكلىرى توربېكىتى uzdil.com نى باشقۇرىۋاتىدۇ.

1. ئانا تىلىم تور تۇراسى
ئادرىسى: http://anatilim.blogbus.com

2007-يىلى ئۇيغۇرلاردا بىلوگ يېزىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەندە قۇرۇلۇپ مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى تەتقىقات ماقالىلىرى، تور تېخنىكا ۋە ئۇسلۇب تەمىنلىگەن. بۇ بىلوگ قۇرۇلۇپ ئايلىق زىيارىتى 10 مىڭدىن ئېشىپ شۇ مەزگىللەردىكى داڭلىق بىلوگلاردىن بولۇپ قالغان، ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ماقالىسىدە ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنغان.

2. سەبورى ئېلېكتىرون كۇلۇبى
ئادرىسى: http://www.sebori.cn

2008.يىلى شىئەن ئېلېكتىرون پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى توكيول ئېچىش تەجرىبىخانىسدا نۇقتىلىق تەربىيلىنىۋاتقان مەزگىلدە قۇرۇلغان. ئاساسلىق شۇ مەزگىلدىكى مەملىكەتلىك ئېلېكتىرون مۇسابىقىلىرىدە ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىم ئاساسىدا ئېلىكتىر تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلۇپ شىنجاڭدىكى ئېلېكتىرون تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى توپلانغان.

3. سەبۇرى ئىزدەش تورى
ئادرىسى: http://www.seburi.com

2009-يىلى سەبۇرى بېكەت باشلىقى نامىدا بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقى ئالىي ئەزاسى سۈپىتىدە شەنشى ئۆلكىلىك بېكەت باشلىقلىرى ۋە كارخانىچىلارنىڭ يىغىن ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.

مەبلەغ كەمچىللىكى سەۋەبلىك ۋەيران بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنۋېرسال بېكەت سېستىمىسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كەلگۈسى ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى ۋە ئېلان ھەمكارلىقى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك توربېكەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە شېركەتلىشىشىگە كۆپلەپ تېخنىكا ۋە ئىدىيە تەمىنلىگەن.

4. ئۇزدىل تور تېخنىكا تورى
ئادرىسى: http://www.uzdil.com

ئۇزدىل بەت قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنى ئەڭ كۆپ ئۆزگەرتىلگەن تور بېكەت. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە قەدەم قويۇپ نۇرقۇت تورى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان. بەختكە قارشى كۆز تېگىپ قايتىدىن باشلاشقا مەجبۇرلاندى. 2016-يىلى 3-ئايدا قايتا رەتكە سېلىنىپ ھەقسىز تور تېخنىكا بىلىملىرىنى تارقىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش نىشانىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان.

5. ئۇزسودا ئۈندىدار سالونى
سالون ئىزدەش نامى: uzsoda

2015-يىلى 12-ئايدا قۇرۇق قول قۇرۇلۇپ، ھېچقانداق مەبلەغ ئىشلەتمىگەن ئاساستا تۇنجى كۈنىلا 2500 ئەزا كۆپىيىش، ھەپتىدە 10 مىڭ ئىختىيارىي ئەزا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

سالون ئەزالىرى پۈتۈنلەي ئۈندىدار سودىگەرلىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ ئايدا 18 مىڭ ئۈندىدار سودىگىرى 80 مىڭ ئەزا سالوننى تەشۋىق قىلىپ، 3000 سودىگەر دوست سانىنى 500 دىن 3000 غىچە ئاشۇرغان، جەمئىي 9 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆز - ئارا ھەقسىز دوست قوشۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

ئالاھىدىلىكى: ئۈندىدارغا ھەقسىز ئادەم قوشۇش، ئۈندىدار سودا قىلىشنىڭ مەخپىيتى يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىنى قاپلىغان سودىگەرلەر توپى ۋە مەھسۇلات ھەقلىق ئېلان مۇلازىمىتى قاتارلىقلار.

ئىشلەتكەن كومپىيۇتېر تىللىرى

LOGO تىلى

كىچىك ۋاقىتلىرىدا كىتابخانىدىن ئۇيغۇرچە LOGO تىلىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئۈگەنگەن.

Flash

تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا مەكتەپ ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشنى يولغا قويدى، Action Script ئارقىلىق ئالاھىدە مائۇس ئۈنۈملىرى ۋە قار، يامغۇر ياغدۇرۇش ئۈنۈملىرىنى ھاسىل قىلىشنى ئۈگەنگەن.

Visual Foxpro

تولۇق 1-يىللىقتا مەكتەپنىڭ دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن كومپىيۇتېر ئاساسىي تېخنىكىسىدىن كېيىن بىر مەۋسۇم ئۆگەنگەن.

VB

بۇ مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنياۋىي باي بېل گەيتىس ياقتۇرىدىغان تىل بولغاچقا، ھەم شۇنداقلا كۆرۈنمە يۈزلۈك پروگرامما تۈزۈش تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىش بولغاچقا، 2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە نىڭشىيا ئۇنۋېرسىتىتى تەييارلىق بۆلۈمىدە بۇ پروگرامما ئارقىلىق كۆپلىگەن دېتاللارنى تۈزگەن. بولۇپمۇ فىزىكا ۋە توكيول تەجرىبىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يازىدىغان جايلاردا ئەمەلىي تەجرىبە ئىشلەشكە پۇرسەت بولمىسا ئاددىي پروگراممىدىن بىرنى يېزىپ تەجرىبە دوكلاتىغا يازىدىغان سانلىق ئۇچۇر مەسلىسىنى ھەل قىلغان. يەنە مەكتەپنىڭ تورخانىسىنى ھەقسىز تورغا چىقىدىغان قىلىدىغان ۋە شۇ چاغلاردىكى تور بىخەتەرلىكى ئاجىز ۋاقىتلاردا خاككېرلىق دېتاللىرىنى تۈزۈشتىمۇ بۇ ئالدىنقى تاللاش بولۇپ قالغان.

C جەمەت تىللىرى

دۇنيا پروگراممىرلىرىنىڭ ئورتاق تىلى ھېسابلانغان C تىلىنى ئۈگەنگەن، تاكى C++ نى ئىشلىتىشكە باشلىغاندا ئاندىن ھەقىقىي پروگرامما تۈزۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەن، ئالدىدا C دا يازغانلار پروگرامما ئەمەس، پەقەت ھېسابلاش ئىپادىسى دەپ ئويلىغان. 2010-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىدا تاشيولدىكى ماشىنىنى ئۆلچەيدىغان پروگرامما يېزىشقا توغرا كېلىپ، ئاخىرىدا بۇ پروگراممىنى C # تا يېزىپ چىققان.

VHDL

ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدا ئوقۇش باشلىماستا ئىمتاھان بېرىپ كومپىيۇتېر پېنىنى ئوقۇشتىن كەچۈرۈم قىلىنىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن ھەم مەكتەپنىڭ شېركەت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان توكيول تەجرىبىخانىسىغا قوبۇل قىلىنغان، ھەمدە رەقەملىك توكيولى يۆنىلىشى بويىچە قاتتىق دېتال تۈزىدىغان بۇ تىلنى ئۆگەنگەن. بۇ مەردان ئەخمەتنى مەملىكەتلىك ئېلېكتىرون مۇسابىقىلىرى ۋە دۆلەتلىك تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئىگە قىلدى.

HTML ئائىلىسى تىللىرى

2004-يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ HTML ئائىلىسىدىكى ھەممە ئەزالار بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىققان.

مۇلازىمىتىر تەگكود تىللىرى

باشتا asp لىق بېكەت سېستىمىلىرى بىلەن بىر قانچە يىل ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، 2009.يىلى PHP غا بىر كىرىشىپ قالغانچە نىشاننى LAMP دەپلا بېكىتىۋەتكەن. باشتا PHP بىلەن MySQL دە يالىڭاچلا سېستىما تۈزگەن، كېيىنچە Smarty دەك رامكىلاردا تۈزۈشكە باشلىغان.

باشقىلار

يۇقارقىلاردىن باشقا يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال ۋە تور پروگراممىلىرىنى تۈزىدىغان كۆپلىگەن تىللارنى ئىشلىتىش ئېھتىياجى كۆپلەپ ئۇچرىغان. ئالىي مەكتەپتە ماتېماتىكىلىق ئىپادە ۋە ماترېتسالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن MATLAB تىلىنى ئىشلىتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە توغرا كېلىپ. SQL تىلىنى ئۆگەنگەن.

 مەنبە: ئىزدە قامۇسى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)