گوگېل جۇڭگوغا قاچان قايتىپ كېلىدۇ

6364883848981471212305906.jpeg

ئۇزدىل تورى مۇلاھىزىسى:

2017.يىلى 13.دېكابىر، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان Google نىڭ جۇڭگولۇق دېتال ئاچقۇچىلىرىنىڭ چوڭ يىغىنى شاڭخەيدە ئېچىلدى. بۇ يىغىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ مۇھىم ئىش،  Google Cloud نىڭ جۇڭگولۇق باش تەتقىقاتچى ئالىمى لى فېيفېينىڭ Google AI جۇڭگو مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى بولدى.

ئۆتكەن يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىللىق گوگېل جۇڭگو دېتال ئاچقۇچىلىرى يىغىنى تېخىمۇ جۇڭگوچە، يەرلىكچە پۇراققا ئىگە بولدى. بۇ گوگېلنىڭ جۇڭگو بازىرىغا ئىزچىل قىزغىن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.  Google AI جۇڭگو مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، گوگېلنىڭ AI تېخنىكىسىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكى ۋە جۇڭگو بازىرىدىكى كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇنداقتا گوگېل ئىزدەش ماتورى جۇڭگوغا قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟ گوگېل ئۈچۈن بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولمىغان مەسىلە بولسا كېرەك. لېكىن تورداشلار ئىزچىل بۇ مەسلىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ يەرلىك ئىزدەش ماتورلىرىدىن بەيدۇ، 360 قاتارلىقلارنىڭ ئىزدەش مۇلازىمەتلىرى بازارنى ئاساسەن ئىگەللەپ بولدى، ھەم تېخنىكىدا ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىپ ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇزدىل تورىدىكى يازمىلار ئالاھىيدە ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن ئەھۋالدا بىردەك ئىجادىي ياكى تەرجىمە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئاپتورى: ئۇزدىل ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئۇلىنىش قىلىپ ئادرىسى ئۇزدىل تورى نى ئەسكەرتىڭ.
مەنبە ئادرىسى: «گوگېل جۇڭگوغا قاچان قايتىپ كېلىدۇ»

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)