ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى سىز ئويلىغاندىنمۇ زور

60799fe3d36e16ad35ffdc97c4bf3704.jpg

ئۇزاق ئولتۇرۇش ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ خىزمەت ھالىتى، يەنە كېلىپ داۋاملىق ئىشقا چىققاندىن ئىشتىن چۈشكىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ خىل ئۇزاق ئولتۇرغان خىزمەت ھالىتى قارىماققا راھەتتەك بىلىنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە زىيىنى ناھايىتى چوڭ.

تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈندە ئۇزۇن ئولتۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولغانچە، ئۆلۈم خەۋپىمۇ شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ، ئىككىسى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. سىزنىڭ بەدىنىڭىز تۇغۇلۇشتىنلا ھەرىكەت ئۈچۈن يارالغان، ھەر 30 مىنۇتتا بەدىنىڭىز سىزنىڭ ھەرىكەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنداقتا ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار؟

بىرىنجىدىن، كاسا قىسمىمىز ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن بېسىلىپ قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ گېمورۇي قىلىپ قويىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ياكى ئويۇن ئوينايدىغانلار گىمورۇي كېسەللىكىنىڭ ئاپەت رايونى ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچىدىن، تاماقلىنىش ئادىتى قالايمىقان بولغانلىقتىن، ئاسانلا سەمىرتىۋېتىدۇ، سەمىرىپ كېتىش دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاندا ماي ئارتىپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

ئۈچىنجىدىن، دېئابىت كېسىلى بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ ئورگانىزىمدىكى ئەزالىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش، يۈرەك كېسىلى، سەكتە ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا ئامال بار ئۇزاق ئولتۇرمىغان ياخشى، خىزمەت ئېھتىياجىدىن ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە ئولتۇرۇش قىياپىتىنى توغرىلاپ، بەل تەرەپكە يۇمشاقراق نەرسە تىكلەپ، ئورۇندۇققا كاسىمىزنى تولۇق قوندۇرۇپ ئولتۇرىشىمىز، كۈندە ۋاقىت بەلگىلەپ، قەرەللىك تۈردە ئورنىمىزدىن قوپۇپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك. بىر كۈندە ئۆرە تۇرۇش ۋاقتىمىز 2 سائەتتىن 4 سائەتكىچە بولسا ناھايىتى مۇۋاپىق. ھورۇنلۇقنى تۈگىتىپ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بېرىڭ. سۇ ئۈزۈش ياكى توپ تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك ھالەتلىرى ياخشىلىنىپلا قالماستىن، ئۇيقۇ سۈپىتىڭىزنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)