يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى پات ئارىدا يېرىلىدۇ

15ed8613e12b287_size74_w499_h316.jpg

سۇمرۇغ تورى خەۋىرى، ئۇزدىل تورى تەرجىمىسى:

گەرچە شۋېتسىيە ئۆي - زېمىن كۆپۈكى تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇنى ھېسابلانمىسىمۇ ( بۇ شەرەپ ئاۋستىرالىيەگە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك، ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆي - زېمىن كۆپۈكى 55 يىل داۋاملاشقان)، بىراق ئۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي - زېمىن كۆپۈكى بولۇشۇ مۇمكىن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1995-يىلى شۋېتسىيە ئۆي - زېمىن بازىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغاندىن بۇيان ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تەخمىنەن ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بىراق، بۇ ھالەتكە ئەمدى خاتىمە بېرىلىدۇ. بازار تەھلىلىدىن قارىغاندا شۋېتسىيە SEB ئۆي باھاسى كۆرسەتكۈچى روشەن تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

بازار تەتقىقاتى ئاپپاراتى Maklarstatistik نىڭ سانلىق ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 11.ئايدا شۋېتسىيەنىڭ دۆلەت بويىچە ئوتتۇرىچە ئۆي باھاسى 3% تۆۋەنلىگەن، 10.ئايدا 1% تۆۋەنلىگەن، 12.ئايدا داۋاملىق 1% تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)