ئۇزدىل ئەترىتى نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ

uzdilcom.png

ئۇزدىل ئەترىتى كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇر تورچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قىبلىنامە قىلىپ، 10 يىلغا يېقىن مەزگىلدە  تور تېخنىكا دەرسلىكلىرىنى تارقىتىش، توربېكەت سېستىمىسى تۈزۈش، شۇنداقلا بېكەت قۇرۇشقا ياردەملىشىپ، تور تېخنىكا بىلىملىرىنى تارقىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. 2018.يىلىدىن ئېتىبارەن، نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ماسلاشقان ئاساستا كەسپىي قۇرۇلمىسىنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەر ئارقىلىق بېكىتىدۇ:

1. گوگېل تەرجىمانى

گوگېل تەرجىمانى نۆۋەتتە دۇنيادىكى 120 دىن ئارتۇق تىللار بويىچە ئۆز ئارا جۈملە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئامبىرى قۇرۇلۇشى دېگەندەك ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقتىن، يۇقارقى تىللار بىلەن ئۆز ئارا تەرجىمە ئىشلىرى زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغان. شۇنداقلا گوگېل تەرجىمانىغا بېقىنىپ خىزمەت قىلىدىغان 100 نەچچە ئەپ دېتالى، نەچچە مىڭ تەرجىمە تور بېكىتى ۋە تور كۆرگۈچ ئارقىلىق تور بېكەتنى بەت يۈزىدە تەرجىمە قىلىش قاتارلىق نەچچە مىليون تور بېكەتنى بىمالال تەرجىمە قىلىشتەك ئەۋزەل، شۇنداقلا ھەقسىز ئىقتىدارلاردا ئۇيغۇرتىلى بىر چەتتە قالدى.

زىيارەت ئادرىسى: https://translate.google.cn

سۆزلۈك قوشۇش بېتى: https://translate.google.com/community#en/ug

ئۇزدىل ئەترىتى ئىزچىل گوگېل تەرجىمانىغا سۆزلۈك قوشۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، تەرجىمە مۇلازىمىتى تەمىنلىنىدىغان تور بېكەتلەر قاتارىدا كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر مىليون ئەتراپىدا تەرجىمە ئۇچۇرى بولۇش كېرەك ئىكەن. بىز ئۇزدىل تورى ئارقىلىق سۆزلۈك قوشۇشقا ئالاقىدار تېخنىكا ۋە مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ تۆھپىكارلارغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى خالايمىز.

2. تەرجىمەۋىكى

تەرجىمەۋىكى (translatewiki.net) تور تەرجىمە سۇپىسى بولۇپ، MediaWiki نىڭ تەرجىمە كېڭەيتىلمىسىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن. ئۇنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئۇچۇرى قوشۇلسا، دۇنيادىكى 50 كە يېقىن تور بېكەت سېستىمىسى، دېتال رامكىسى قاتارلىقلارغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇپ بىۋاستە يەرلىكلىشىدۇ.

زىيارەت ئادرىسى: http://translatewiki.net

ئۇيغۇرچە تىل بۆلىكى بېتى: https://translatewiki.net/wiki/Special:SupportedLanguages/ug-arab

ئۇزدىل ئەترىتى ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرجىمەۋىكى سۇپىسىغا تەرجىمە ئۇچۇرى قوشۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا ئىگە بېكەت سېستىمىلىرى ۋە سېستىما ئېچىش رامكىلىرىنى تارقىتىش ۋە تەشۋىقات قىلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ.

3. W3C ئىتتىپاقى

W3C ئېنتىرنىت ئىتتىپاقى 1994.يىلى قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، ئاساسىي مەقسىتى ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كېلىشىمنامىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورتاق ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، تور دۇنياسىنىڭ پۈتكۈل يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىش.

2016.يىلى 3.ئايدىن باشلاپ ئۇزدىل ھەقسىز تور تېخنىكا دەرسلىكلىرى نامىدا W3C نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە تېخنىكا بىلىملىرى كەڭ كۆلەمدە تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. بۇنىڭدا ئاساسىي HTML دىن CSS غىچە، ھەتتاكى XML ، SQL ، JS ، PHP ، ASP ۋە ASP.NET قاتارلىق خەلقئارا ئۆلچەمدىكى تور تېخنىكا دەرسلىكلىرى ۋە پايدىلىنىش قوللانمىلىرى تولۇق تەمىنلەندى. شۇنداقلا 149 قىسىملىق ئۇزدىل تور تېخنىكا سىن دەرسلىكلىرىمۇ تۈزۈپ ئېلان قىلىنىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.

زىيارەت ئادرىسى: http://www.uzdil.net

پايدىلانغان مەنبە: http://www.w3school.com.cn

 4. فورۋو تەلەپپۇز لۇغىتى

فورۋو (forvo.com) دۇنيادىكى 360 تىن ئارتۇق تىللارنىڭ ئاۋازلىق سۆزلۈك لۇغىتى بولۇپ، ئۇزدىل ئەترىتى قىسقىغىنە 4 ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرىغا 5000 دىن ئارتۇق سۆزلۈك قوشۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرتىلىنىڭ دەرىجىسىنى ئالدىنقى 70 نىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىردى.

زىيارەت ئادرىسى: https://zh.forvo.com/languages/ug

ئۇزدىل قوشقان سۆزلۈكلەر: https://zh.forvo.com/user/uzdil

5. تور بېكەت ۋە سالون

ئۇزدىل ئەترىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇزدىل تورى، ئۇزدىل تور تېخنىكىسى ۋە ئۇزسودا سالونى قاتارلىق تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرى ئارقىلىق تور تېخنىكا بىلىملىرىنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كەلمەكتە.

ئۇزدىل تورى: http://www.uzdil.com

ئۇزدىل تور تېخنىكىسى: http://www.uzdil.net

ئۇزسودا سالونى: http://www.uzsoda.com

 ئاخىرقى سۆز

بىز ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمىز، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى دېگەن بۇ ئۇقۇم مۇنداقلا تىلغا ئېلىپ قويىدىغان، بىر قانچە ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. دۆلىتىمىزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىلىق قۇرۇلىۋاتقان خەلق تورى، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىئو ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ئۇيغۇرچە ئورگان بېكەتلىرى ۋە ئۇيغۇرچە بېكەت، ئۈندىدار سالونلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان كەڭ تور تېخنىكا شىركەتلىرى، شۇنداقلا سېپىمىزغا ئۈزلۈكسىز قوشۇلىۋاتقان ئوت يۈرەك تېخنىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، ئۇچۇر دەۋرىدە مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاش، تېخنىكا ۋە تەرەققىياتتا دۇنيا بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. بىز بۇ پۇرسەتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك.

نۆۋەتتىكى تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ئىنقىلابىدا ئۇزدىل ئەترىتى دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى كەبىي ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىسا دېگەن ئۈمىدتە.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (7)

ياخشىمۇسىلەر دوستلار. قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلاردىن كۆپ خۇرسەن بولدۇق، كۆپ ئەجىرلىك بولغايسىلەر.
ئىلتەرىش 2 ئاي بۇرۇن (2018-04-02) جاۋاب
يارايسىلە
Bulmak 4 ئاي بۇرۇن (2018-02-06) جاۋاب
بىرلىكتە تىرىشايلى ، لۇغەتكە قوشقان سۆزلەرنىڭ ئۈنىمىنى قاچانمۇ كۆرەمىز . . .
boyhero 4 ئاي بۇرۇن (2018-02-01) جاۋاب
@boyhero:بولىدۇ. فورۋونىڭ ئۈنۈمىنى شۇ زامان كۆرىمىز. گوگېل تەرجىمانىغا سەل ئۇزاقراق ۋاقىت كېتىپ قالامىكىن.
ئۇزدىل 4 ئاي بۇرۇن (2018-02-08) 回复
ئۇيغۇر تور تېخنىكىلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۈن تىنسىز جاپا چىكىپ تۆھپە قوشۋاتقانلىقىڭلارغا كۆپ تەششەككۈر ئېيتىمىز  ،گەرچە سېلەرگە ياردەم بېرەلمىسەكمۇ سىلەرنى قوللاش بىلەن بىرگە ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق ۋە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمىز جاپا چەكتىڭلار ......
dawirdax 4 ئاي بۇرۇن (2018-01-31) جاۋاب
يارايسىلە....
Bulmak 4 ئاي بۇرۇن (2018-01-30) جاۋاب
@Bulmak:كۆپ رەھمەت. داۋاملىق يېقىندىن قوللاپ بەرگەيسىز.
ئۇزدىل 4 ئاي بۇرۇن (2018-02-08) 回复