دۇنيا تەلەپپۇز تورىغا ئۇيغۇرچە ئىئانە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى

ئالدىدا ئېلان قىلىنغان «دۇنيادىكى بارلىق تىللارنىڭ ئاناتىلدىكى تەلەپپۇزى فورۋودا»  ناملىق يازمىمىز ئارقىلىق فورۋو بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن فورۋودىكى ئۇيغۇرچىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرچە ئۇچۇر قوشۇشنىڭ مۇھىملىقىنى شەرھىلەپ ئۆتىمىز.

ئۈلگە مىسال:

دۇنيانىڭ مەلۇم يېرىدىكى ئۇيغۇرچىنى ئۇقمايدىغان بىر ئادەم تور بەت يۈزىدىن «بازار» دېگەن سۆزنى ئۇچرىتىپ، بۇنىڭ قايسى مىللەتنىڭ يېزىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. ھەمدە بۇ سۆزنى كۆچۈرۈپ فورۋو تورىنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا چاپلاپ ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى باستى. 

بۇ يەرنى بېسىپ ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆرۈڭ

ئۇ ئىزدەش نەتىجىسىدىن تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ:

1. بۇ سۆز پارس، ئۇيغۇر ۋە ئوردۇ تىللىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. پارس تىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك سۆز بېرىكمىسى ئەڭ كۆپ بولغاچقا بىرىنچى ئورۇندا كۆرۈنىدۇ.

3.png

 

2. مۇشۇ سۆز ۋە سۆزگە مۇناسىۋەتلىك سۆز بېرىكمىلىرىنىڭ يۇقارقى ئۈچ تىلدىكى تەلەپپۇزى.

3. مۇشۇ سۆزنىڭ دانىيەچە، كىرودىيەچە، كاتالانچە، ۋىنگىرىيەچە، ھىندونوزىيەچە، فىرانسۇزچە، رومىنىيەچە ۋە ئېنگىلىزچە قاتارلىق سەككىز تىلدىكى تەرجىمە ئۇچۇرى ۋە مۇشۇ تىللاردىكى تەرجىمە سۆزلۈكنىڭ تەلەپپۇزى.

2.png

يۇقارقى ئۈلگە مىسالدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەچچە مىليارد كىشى فورۋو ئارقىلىق بىزنىڭ تىلىمىزنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگېنىش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە سۆزلۈكنىڭ سانلىق ئۇچۇر ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ كۆرەيلى:

مۇشۇ يازما ئېلان قىلىنغۇچە (2018.يىلى 1.فېۋرال) فورۋودىكى ئۇيغۇرچىنىڭ دەرىجىسى 65.ئورۇندا، تەلەپپۇزى ئېلان قىلىنغان سۆزلۈك 5721 دانە، تەلەپپۇزى ئېلان قىلىنماي قوشۇلغان سۆزلۈك 4683 دانە، ئاناتىلى ئۇيغۇرتىلى بولغانلاردىن فورۋوغا تىزىملاتقانلار سانى ئارانلا 144 ئادەم.

تەپسىلاتىنى كۆرۈش: https://zh.forvo.com/languages/ug

دېمەك، فورۋوغا ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇز قوشىدىغان ئاكتىپ ئەزالارنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇشى، ئۇيغۇرچىنى ئۆگېنىشكە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ تۇرماقتا. بۇ ۋەزىپىنى ئاناتىلى ئۇيغۇرتىلى بولغان، تورغا چىقىش ۋە پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارىسا، فورۋودىن ئۆزىمۇ پايدىلىنىپ قالماي، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرەلىگەن بولاتتى.

سىز مەيلى فورۋونى ئىشلىتىڭ، ئەزا بولۇڭ، سۆزلۈك قوشۇڭ، تەلەپپۇز ئىئانە قىلىڭ ۋە ياكى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىڭ، قايسىبىرىدە بولمىسۇن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئۆز ئانا تىلىڭىز ۋە باشقا تىللار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشىۋاتقان بولىسىز، دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.

كەمىنە مەردان ئەخمەت ئالدىنقى مەزگىلدە uzdil  ئەزا نامى ئارقىلىق 5200 دىن ئارتۇق تەلەپپۇز ۋە 4800 گە يېقىن تەلەپپۇزسىز سۆزلۈكنى قوشتۇم. سۆزلۈك قوشۇش خىزمىتى ئاساسەن ئىشتىن سىرت ۋاقىتلاردا بولدى، سۆزلۈكلەرنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس يېڭىراق نەشىردىكى ئۇيغۇرچە لۇغەتتىن بىرنى سېتىۋالدىم، ئاۋاز ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئۆيدە تىنچ مۇھىتتا، سۈپىتى ياخشىراق مىك ئارقىلىق تەلەپپۇز ئىئانە قىلدىم، بۇ جەرياندا بەلگىلىك تەجرىبە توپلىدىم، ھەمدە بۇنى بىر ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشقا ئىرادە قىلدىم. كەڭ تورداشلاردىن بۇ سەپكە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلاردىن ياردەم لازىم بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

مېنىڭ فورۋو بېتىم: https://zh.forvo.com/user/uzdil

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (2)

بۇ توربەتلەرگە تىزىملاتماي تۇرۇپ مىھمان ھالىتىدە سۆزلۈك قوشقىلى بولمامدۇ؟
MudHix 7 ئاي بۇرۇن (2018-02-01) جاۋاب
@MudHix:ئۇنداق قوشقىلى بولمايدۇ، تىزىملىتىشقا قېيىنچلىق بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.  چ چ : 316203464. تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەن پات ئارىدا تىزىملىتىش ۋە سۆزلۈك قوشۇش دەرسلىكى تەييار قىلىپ يوللاپ قوياي.
uzdil 7 ئاي بۇرۇن (2018-02-03) 回复