ئۇزدىل ئەترىتى تەھرىر ۋە تور تېخنىكا خادىملىرىغا ئېھتىياجلىق

ئۇزدىل تورى كەسىپ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە ئۇزاق مەزگىل كەسپىي خادىم ياكى پىراكتىكانت قوبۇل قىلىدۇ، ئائىلىدە ياكى مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپ، ۋە ياكى ئىشتىن سىرت ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ، سەۋىيەسى ئاجىزلارغا تولۇق يېتەكلەش ئېلىپ بارىمىز، سىزدە يېتەرلىك قىزغىنلىق بولسىلا تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە پۇرسەتنى بىز تەمىنلەپ بېرىمىز:

1. تەھرىر 3 نەپەر

ئاساسلىق ئۇزدىل تورىنىڭ مەزمۇن يېڭىلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. كۈندە بىر سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت ئاجراتسىڭىزلا كۇپايە، ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدە ئىشلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئايدا ئاز بولغاندا 20 يازمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىڭىز شەرت، ئىجادىي ياكى تەرجىمە بولسا بولىۋېرىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ ئاي سىناق مەزگىلىدە  ئايلىق ئاساسىي مۇئاش بېرىلىدۇ، 3 ئايدىن كېيىن توربەتكە يوللىغان ياكى تەرجىمە قىلغان مەزمۇننىڭ مىقدارىغا قاراپ مۇقىم مائاشتىن سىرت ئۈنۈم مۇكاپاتى قوشۇپ بېرىلىدۇ. تور بېكەتكە قوشقان ھەسسىسىگە قاراپ تۆھپە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

2. تور تېخنىكا خادىمى 2 نەپەر

ئاساسلىق ئۇزدىل تورىنىڭ سىستىما يېڭىلاش، ئۇسلۇب ۋە قىستۇرما ئىشلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. Emlog، ۋوردپرەس قاتارلىق بىلوگ سېستىمىسىغا ئۇسلۇب ئىشلەپ باققانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. سالون باشقۇرۇپ باققان ياكى ئەپ دېتالى ئېچىشقا قىزىقىدىغانلار بولسا تېخى ياخشى. ئالدىنقى 1 ئايدا سىناق ئىشلەپ ئاساسىي مۇئاشتىن بەھرىمان بولىدۇ، ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ ئۈنۈم مۇكاپاتى ۋە تۆھپە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

تور ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك سىز ئويلىغان باشقا ھەمكارلىق ياكى خىزمەت ئېھتىياجلىرىڭىز بولسىمۇ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تەرجىمھالىڭىز ياكى تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى تارتىنماي يوللاپ بېرىڭ.

ئالاقە QQ نۇمۇرى: 316203464

 بىۋاستە ئېلخەت يوللاش


ئۇزدىل ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق ئاممىۋىي پائالىيەتلىرى

توپىمىزدا ئاساسلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق تور بېكەت، سېستىما ۋە دىتاللارنى تەرجىمە قىلىپ يەرلىكلەشتۈرۈش، يەنى ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ياكى تىل بولىقى قوشۇشقا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئورتاقلىشىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ھەقسىز ئۇزدىل تور تېخنىكا دەرسلىكلىرى، سىن دەرسلىكلىرى ۋە ئۇسلۇب قاتارلىقلار قەرەللىك ھالدا تەمىنلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (5)

..... 3 ئاي بۇرۇن (2018-05-31) جاۋاب
ياخشىمۇسىز، مەن تۇلۇق ئۇتتۇرا ئۇقۇغۇچىسى بۇلىمەن. بۇ ساھەگە مەن بەك قىززىقىمەن . ھەم دۆلەت تىلىدىكى ماقالىلەرنى پات پات كۆرۈپ تۇرىمەن
ماڭا تەھرىردىن ئۇرۇن بارمىدۇ.
شۆھرەت 5 ئاي بۇرۇن (2018-03-26) جاۋاب
@شۆھرەت:ياخشىمۇسىز، ئەلۋەتتە ئورۇن بار. چ چ رىمنى قوشۇېلىڭ، تەپسىلاتىنى پاراڭلىشىلى. چوقۇم ياخشى ھەمكارلىشىپ قالىمىز.
ئۇزدىل 5 ئاي بۇرۇن (2018-03-26) 回复
مەن بىر ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسى،
تەھرېرلىكتىن ماڭا ئورۇن بارمىدۇ؟
HaPpy 6 ئاي بۇرۇن (2018-02-23) جاۋاب
@HaPpy:ئەلۋەتتە بار، تەپسىلاتىنى ئالاقە QQ ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈڭ.
ئۇزدىل 6 ئاي بۇرۇن (2018-02-23) 回复