HTC U Ultra يانفونىنىڭ باھاسى 2299 يۈەنگە چۈشتى

 20171210235243719.jpg

 

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىنقى ئەۋلاد U11 ۋە ھازىرقى +U11 يانفونى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، HTC ئىلگىرىكى بايراقدار دەرىجىلىك يانفونى U Ultraنىڭ باھاسىنى بىر قانچە قېتىم چۈشۈردى. يېڭى بايراقدار يانفون بازارغا سېلىنغاندا كونىسىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش يانفون كارخانىلىرىنىڭ كونا ئادىتى.

HTC U Ultra يانفونىنىڭ جىڭدوڭ تورىدىكى باھاسى 2299 يۈەنگە چۈشكەن بولۇپ، يېڭى ئېلان قىلىنغاندىكى 5088 يۈەنلىك باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا توپتوغرا 2789 يۈەن ئەرزانلىغان.

U Ultra يانفونىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، بۇ HTCنىڭ تۇنجى قوش ئېكرانلىق يانفونى، ئۇنىڭدىكى قوشۇمچە ئېكران ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپنى ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر كۆرسىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارغا ئىگە، ئەڭ مۇھىمى، ئاساسىي ئېكرانغا قارىغاندا توكنى تېخىمۇ تىجەيدۇ.

بۇ يانفوننىڭ لايىھەسى ناھايىتى ئىلغار بولسىمۇ، ئەمما زىيادە قىممەت باھاسى ۋە دەۋرى ئۆتكەن سنەپدراگون 821 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ نۇرغۇن كىشىلەرنى سېتىۋېلىش نېيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغان.

قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا 5.7 دىيۇملۇق 2K Super LCD ئېكران، سنەپدراگون 821 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ (چاستوتىسى 2.15GHzگە يېتىدۇ)، 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ (2TB غىچە كېڭەيتكىلى بولىدۇ)، 3000mAhلىك باتارېيە قاتارلىقلار سەپلەنگەن. USB 3.1 ۋە Type-C ئۇلاش ئېغىزى، QC3.0 ئۆلچىمىدىكى تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئاندىرويىد 7.0 نى يادرو قىلغان HTC Sense سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان.

2299 يۈەن HTC U Ultra يانفونى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھا. بۇندىن باشقا، بەلكىم ئاڭلاپ تازا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بۇ يانفون تېخى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان.

 

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)