ئۇزدىل فورۋونىڭ ئۇيغۇرتىلى باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى

forvo_editors.jpg

ئۇزدىل تورى خەۋىرى:

2018-يىلى 10-فېۋرال ئۇزدىل فورۋو تەرەپنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ فورۋودىكى ئاناتىلى ئۇيغۇرتىلى بولغان تىزىملاتقان 150 ئەزاغا ۋاكالىتەن ئېرىشكەن تۇنجى باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا 618 مىڭ تىزىملاتقان ئەزاسى بار بۇنداق چوڭ تور بېكەتتىكى، 386 نەپەر باشقۇرغۇچىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىمىزدەك بىر چوڭ خۇشاللىق.

forvo_editors_email.jpg

ئالدىنقى مەزگىلدە ئۇزدىل ئەترىتى فورۋودىكى ئۇيغۇرچە سۆزلۈك قوشۇشنى تېزلىتىش ۋە توردا ماقالە ئېلان قىلىپ تورداشلارنى سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە فورۋو ئورگان تەرەپكە خەت يېزىپ باشقۇرغۇچىلىق (تەھرىرلىك) ھوقۇقى بېرىش شۇنداقلا مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەمىنلەپ، ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى 2-دەرىجىلىك فورۋو ئۇيغۇرچە بېتىنى قۇرۇش ھەققىدە ياردەم تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، ئورگان تەرەپ بۇ ئىشقا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ، تەپسىلىي جاۋاب قايتۇرغان.

ئۇيغۇرچە باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە فورۋو بېتىنى تۈزۈش ئىشىغا ئورگان تەرەپ ۋاقتىنچە قوشۇلمىغان. ئۇزدىل ئەترىتى جاۋاب خەت يېزىپ، ئورگان تەرەپنىڭ بەرگەن ياردىمىگە چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، قاچانكى ئۇيغۇرچە فورۋو بېتى تۈزۈش ئىشىغا مۇمكىنچلىك بولسا ھەرۋاقىت ئۇزدىل بىلەن ئالاقىلىشىشنى بىلدۈردى.

فورۋونىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى ئارقىلىق خاتا سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇزلارنى ئوڭشاش، تۈركۈملەپ سۆز قوشۇش ۋە تەھرىرلەش، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپلىگەن تەپسىلىي سىتاستىكا ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولۇش قاتارلىق ئالىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولۇپ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ فورۋودىكى ئۇچۇر سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

مۇشۇ خۇشاللىق پەيتتە فورۋو ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئۆگېنىشنى خالايدىغانلارغا خالىس ياردەم  بېرىش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا ئالاھىيدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئۇزدىل ئەترىتى بۇ تۈرنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ.

ئۇزدىل تورىدىكى يازمىلار ئالاھىيدە ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن ئەھۋالدا بىردەك ئىجادىي ياكى تەرجىمە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئاپتورى: ئۇزدىل ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئۇلىنىش قىلىپ ئادرىسى ئۇزدىل تورى نى ئەسكەرتىڭ.
مەنبە ئادرىسى: «ئۇزدىل فورۋونىڭ ئۇيغۇرتىلى باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى»

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (9)

ئەسلىدە بار بولغان باشقا سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كىرگۈزىدىغان ئىشلىرى يڭقما بۇ توربەتنىڭ؟ باشقا سۆزلەنى ئىزدىسە بىرنەچچە تىلدىكى تەرجىمىسىنى چىقىرىپ بېردىكەن، ئۇيغۇرچىنى ئىزدىسە بىرتال سۆزلۈك ئاۋازدىن باشقا يا جۈملىسى يوق يا تەرجىمىسى يوق. بۇنداق قوشقاننىڭ نېمە پايدىسى
MudHix 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-13) جاۋاب
@MudHix:تەرجىمە قوشىدىغان ئىقتىدارى بار. جۈملە قوشۇش ئىقتىدارىمۇ بار، شۇ ئۇچۇرلارنى قوشىدىغان ئادەم يوق.
ئۇزدىل 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-13) 回复
@ئۇزدىل:باشقا تىللارنىڭ ئىگىلىرى نەچچە يىل بۇرۇنلا نەچچە يۈزمىڭلاپ سۆزلۈك، تەرجىمە ئۇچۇرلىرىنى قوشۇپ بولدى. ئۇيغۇرتىلى بولسا تاشلىنىپ قالدى. ئاۋۋال سۆزلۈك، ئاندىن سۆز بېرىكمىسى، جۈملە، ئاندىن تەرجىمە ئۇچۇرلىرىنى قوشۇپ قويساق، ھازىر بولسىمۇ يېتىشىۋالىلى دەپ ئىش باشلىدۇق، سىز دەپ بېقىڭ پايدىسى بارمۇ يوق؟!
ئۇزدىل 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-13) 回复
@ئۇزدىل:مەن تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزۈپ قۇياي قانداق كىرگۈزۈشنى دەپ بېرىڭلا
MudHix 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-13) 回复
@MudHix:مەن ئورگان تەرەپ بىلەن بىر قانچە قېتىم ئالاقىلاشتىم، پۈتۈن بەت ئۇيغۇرچە يېزىقتا كۆرۈنىدىغان فورۋو بېتى ۋە تەرجىمە ئىقتىدارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋۋال سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇز سانىنى بەلگىلىك مىقدارغا يەتكۈزۈپ ئاندىن كېيىن ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بىر تەرەپتىن سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇز مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئورگان تەرەپكە ئىلتىماس يوللاۋاتىمىز. ۋاقتىڭىز يەتسە ئاۋۋال مۇشۇ ئىشقا تەڭ كۈچىشىپ بەرسىڭىز.
ئۇزدىل 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-13)
مۇشۇ تور بەتكە سۆزلۈك قوشقاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار
17755803090@qq.com 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-13) جاۋاب
@17755803090@qq.com:تور بېكىتىمىزنىڭ ئۇزدىل ئەترىتى سەھىپىسىدە شۇ توربەت توغۇرلۇق تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش بېرىلگەن يازمىلار بار، كۆرۈپ باقسىڭىز. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئاساسلىق پايدىسى ئۇيغۇرتىلىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە ياردەم بېرىش، باشقا داڭلىق تور بېكەتلەرگە ئۇيغۇرچە بولاق قوشۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنىڭ خەلىقئارا تور ساھەسىدىكى قوللىنىشى ۋە ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىسى بار.
ئۇزدىل 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-13) 回复
ئۈزدىل ئەترىتى بەك ياخشى ئىشلا بولىۋاتىدۇ..يارايسىلە
úzuR 2 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-11) جاۋاب
مۇبارەك بولسۇن ئۇزدىل سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز. بىز سىلەرنى ئاخىرغىچە قوللايمىز،جاپا چەكتىڭلار.
ζ﹏тα88﹏ 2 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-11) جاۋاب