سانائەت ئالاقە تورى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ

201608301004325510.jpg

ئۇزدىل تورى مۇلاھىزىسى:

سانائەت ئالاقە تورى (工业互联网) ئاساسلىق چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر دەۋر ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭدا ئادەم، ماشىنا ۋە باشقا نەرسىلەر يېڭىچە تور ئۇل ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئومۇميۈزلۈك ئالاقە تورى ئورنىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەققىيات گۈللەنمە كەسىپ ھالىتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئەندىزىسىنى شەكىللەنگەندۈرىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ئالاقە تورى چوڭ تەرەققىيات دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەڭ دېگۈدەك ھالدا تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، رامكا، ئۆلچەم، بىخەتەرلىك قاتارلىق تەرەپلەردىن دەسلەپكى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بىر بۆلۈك تىپىك سۇپا ۋە كارخانىلار ۋۇجۇدقا چىقتى. سانائەت ئالاقە تورى كەسىپلەشتۈرۈش ھەمكارلىقى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى دۆلىتىمىز سانائەت ئالەقە تورىنىڭ بىۋاستە كەسپ كۆلىمىى 570 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە يىللىق ئېشىش نىسبىتى تەخمىنەن 18% كە يېتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا 1 تىرىليون يۈەنلىك كۆلەمگە ھاسىل قىلىش مۆلچەرلەنمەكتە. 

يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ئالاقە تورىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات سەۋىيەسى شۇنداقلا ئەمەلىي ئاساسىي يەنىلا يۇقىرى ئەمەس، كەسىپ تىرەلمىسى يېتەرسىز، يادرولۇق تېخنىكا ۋە يۇقىرى بۆلەكلىك مەھسۇلاتلارنىڭ سىرتقا بېقىنىشى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۆلچەم سېستىمىسى مۇكەممەل ئەمەس، كارخانىلارنىڭ رەقەملەشكەن تورلىشىش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك، ئىختىساسلىقلار ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىمۇ تۆۋەن، شۇڭا قۇدرەتلىك دۆلەت ۋە توردىكى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشىغا يەنىلا ئارىلىق زور، دەپ كۆرسەتتى.

دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ئالاقە تورىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرگە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. خەيئېر مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ ئالاقە تورى زاۋۇتىدا، مائۇس ۋە كومپىيۇتېر ئېكرانى سېخ مۇدىرىنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، ئابونتلار تور ئارقىلىقلا مەھسۇلاتنى لايىھەلەپ، مال زاكاز قىلسا، ئۆزى بۇيرۇتقان مەھسۇلاتنىڭ پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش ۋە مال يەتكۈزۈش ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ، ھەم شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى نەق مەيدان سىن تاراتقۇسى ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرالايدۇ. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ئالاقە تورى قوللىنىشلىرى ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى، كىيىم-كېچەك، مىخانىكىلىق لايىھە ساھەلىرىدىن ھاۋا قاتنىشى، نېفىت خىمىيە، پولات-تۆمۈر، سۇلياۋ ۋە سانائەت مال يەتكۈزۈش قاتارلىق تېخىمۇ كەڭ ساھەلەرگە قاراپ ئومۇملىشىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ.

يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى 2018-يىللىق سانائەت ئالاقە تورى ئۇچرىشىش يىغىنىدا ئالاھىيدە تەكىتلەپ، بۇ يىل سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى سانائەت ئالاقە تورىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، 323 ھەرىكىتىنى، يەنى تور، سۇپا ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت 3 چوڭ سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى كارخانىلار توپلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ئىككى تۈرلۈك قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كەسپ، ئېكىلوگىيە ۋە خەلىقئارالىشىش قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشى ئەمەلگە ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر باسقۇچقا ئېلىپ چىقالايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)