يەر شارى ئىلمى تۇنجى چوڭ سانلىق مەلۇمات ژۇرنىلى نەشر قىلىندى

u=2495584774,1945521263&fm=11&gp=0.jpg

ئۇزدىل تورى خەۋىرى:

يېقىندا، يەر شارى ئىلمى ساھەسىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇماتقا ئوچۇق ھالەتتە ئېرىشىش خەلقئارا ئىلمىي ژۇرنىلى «يەر شارى چوڭ سانلىق مەلۇمات (Big Earth Data)» دۆلىتىمىزدە رەسمىي نەشر قىلىنىپ، دۇنيادىكى يەرشارى ئىلمى ساھەسىدىكى تۇنجى چوڭ سانلىق مەلۇمات ژۇرنىلى بولۇپ قالدى.

بۇ ژورنالنىڭ باش تەھرىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى يىراقتىن سېزىش ۋە رەقەملىك يەر شارى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاكادىمىكى گوخۇادۇڭ بۇ ھەقتە: «چوڭ سانلىق مەلۇمات بىلىم ئىقتىسادىي دەۋرىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك يۇقىرى تۆپىلىككە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىز ۋە دۇنيانىڭ يېڭى تىپتىكى ئىستىراتىگىيەلىك بايلىقى بولۇپ قالدى. چوڭ سانلىق مەلۇمات پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇللارنى تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ يېپيېڭى تەپەككۇر قوغلىشىشى ئارقىلىق پەن-تېخنىكا بايقاشلىرىغا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى.

«يەر شارى چوڭ سانلىق مەلۇمات» ژورنىلى دەل يۇقارقىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، خەلقئارا رەقەملىق يەر شارى جەمئىيتى (ISDE)، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى يىراقتىن سېزىش ۋە رەقەملىك يەر شارى تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىتىراتېگىيىلىك باشلامچى پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرى «يەر شارى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىلىم-پەن قۇرۇلۇشى»، ئەنگىلىيە Taylor&Francis نەشىرىيات گورۇھى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا نەشىرىيات تاراتقۇ پاي چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)