تور تېخنىكا ۋەزىپىسى ھەقلىق مۇلازىمەت باھا يېتەكچىسى

 money.jpg

تور تېخنىكا مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان شەخسىي تور تېخنىكلىرىنىڭ تاپشۇرىۋالغان ھەقلىق مۇلازىمەت ۋەزىپىسىنىڭ باھا دائىرىسىنى تېز سۈرئەتتە بېكىتىۋېلىشى ئۈچۈن تەمىنلەندى، پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، بىردىنبىر ئۆلچەم ئەمەس.

ئاددىي دەرىجىدىكى ۋەزىپىلەر (تەۋسىيە باھاسى 20 دىن 100 يۈەنگىچە)

ئۇسلۇب قۇرۇلمىسىدىكى خاتالىقلارنى ئوڭشاش
ئۇسلۇبنىڭ تور كۆرگۈچ قوللىشىنى تەڭشەش
ئۇسلۇب دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
ئالدى بەت ئۈنۈمى قوشۇش (مەسىلەن: رەسىم ئالمىشىپ كۆرۈنۈش، ئۇچۇپ تۇرىدىغان ئېلان)
سانلىق ئۇچۇرنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى بەلگىلەش (مەسىلەن: خاتىرە رەسىمى، بەلگىلەنگەن سانلىق ئۇچۇرنى كۆرسىتىش)
URL قايتىدىن كۆرسىتىش قائىدىسىنى بەلگىلەش (مەسىلەن: 301 سەكرەش بېتى، Apache قائىدىسىنى Nginx/IIS مۇلازىمىتىر قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار)
پروگرامما كىچىك خاتالىقلىرىنى ئوڭشاش
ساندان كىچىك خاتالىقلىرىنى ئوڭشاش
تور بېكەت كۆچۈش

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋەزىپىلەر (تەۋسىيە باھاسى 100 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە)

تور بېكەت سېستىمىسىنىڭ ئىچكى يادرو، قىستۇرما قاتارلىقلاردىكى ئەسلىدە بار بولغان ئىقتىدارلارنى ئوڭشاش
ئۇسلۇب تەقلىد قىلىپ ياساش (خالىغان بىر تور بېكەتنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىتىپ ياساش)
تور بېكەتنىڭ سانلىق ئۇچۇر يىغىش قائىدىسىنى بېكىتىش
مۇلازىمىتىر مۇھىتىنى سەپلەشتىكى كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش

مۇرەككەپ قېيىنلىقتىكى ۋەزىپىلەر (باھانى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىدۇ)

ئوخشىمىغان پروگرامما ئارىسىدا ساندان ئۇچۇرىنى يۆتكەش
ئۇسلۇب بۇيرۇتۇپ ياسىتىش
قىستۇرما بۇيرۇتۇپ ياسىتىش
ئىقتىدار بۇيرۇتۇپ ياسىتىش (ئەزا مەركىزى سېستىمىسى، جۇغلانما سېستىمىسى، چۈشۈرۈش سېستىمىسى قاتارلىقلار)
تور بانكا ياكى پۇل تۆلەش ئېغىزى
بېكىتىلگەن بېكەتنى تەقلىد قىلىپ ياساش
مۇلازىمىتىر مۇھىتى بەلگىلەش

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)