ئۇزدىل emlog نى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ

emlog.jpg

ئۇزدىل تورى خەۋىرى:

يېڭى نەشىردىكى ئۇزدىل تورى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. تور بېكىتىمىزنىڭ ئاستىدىكى ھوقۇق ئۇچۇرىدىن بۇ سېستىمىنىڭ Emlog سىستېمىسى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا سېستىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى بىلىملەر تورى ھەمدە ئەسلى ئۇسلۇبنى 小草窝 تەمىنلىگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار تۆۋەندىكىچە:

ئورگان تورى: http://www.emlog.net

ئۇيغۇرچە نەشىرى: ئۇزدىلدىن بىۋاستە چۈشۈرۈش   بىلىملەر تورىدىن چۈشۈرۈش

ئېملوگ سېستىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى رەسمىي نەشىرىنىڭ سېغىمى پەقەت 570 كىلوبايىت بولۇپ، ھەجىمى كىچىك، مۇلازىمىتىرغا بولغان تەلىپى ناھايىتى تۆۋەن، يۈرگۈزۈلۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، تەمىنلەنگەن ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلار ناھايىتى مول. بۇ سېستىما كىچىك ياكى ئوتتۇرا تىپتىكى خەۋەر، ئۇچۇر، بىلوگ، كىنو، شىركەت ۋە ئۇنۋېرسال تور بېكەتلىرىنى قۇرۇشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

ئۇزدىل 2 ئايغا يېقىن ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا، بۇ سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بوشلۇقىنىڭ بىر قەدەر چوڭلۇقىنى بايقاپ emlog مۇنبىرىگە ھەقلىق ئەزا بولۇپ كىردى. مۇناسىۋەتلىك ئېچىش نەتىجىلىرى پات ئارىدا ئۇزدىل تورى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. كەڭ تور تېخنىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىنى ئايىماسلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياجلىرى بولسا يازما ئاستىغا سۆز قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇزدىل تورىدىكى يازمىلار ئالاھىيدە ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن ئەھۋالدا بىردەك ئىجادىي ياكى تەرجىمە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئاپتورى: ئۇزدىل ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئۇلىنىش قىلىپ ئادرىسى ئۇزدىل تورى نى ئەسكەرتىڭ.
مەنبە ئادرىسى: «ئۇزدىل emlog نى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ»

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (3)

ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپتۇ، قوللايمەن!
Izqut── 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-16) جاۋاب
rahmat   man  tut  koz bilan saklay ma
alimjan 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-14) جاۋاب
@alimjan:سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت. داۋاملىق يېقىندىن قوللاپ بەرگەيسىز.
ئۇزدىل 1 ھەپتە بۇرۇن (2018-02-14) 回复