فورۋودىكى ئۇيغۇرچە 10 مىڭ تەلەپپۇز ئۆتكىلىگە ھوجۇم باشلىدى

ugyhruforvo.jpg

ئۇزدىل تورى خەۋىرى:

14-فېۋرال فورۋو تورىدىكى ئۇيغۇرچە قوشۇلغان سۆزلۈك 11 مىڭ 957 گە، بۇنىڭ ئىچىدىن تەلەپپۇزى تەمىنلەنگىنى 8650 دىن ئېشىپ، تەلەپپۇزى 5 مىڭدىن ئاشىدىغان 14 تىل ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇردى.

ئۇزدىل تورىنىڭ ئۇزدىل ئەترىتى QQ توپىدىكى ئەزالارنىڭ پاراڭ خاتىرىسى ھەمدە فورۋودىكى ئۇيغۇرچە بېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئىگەللىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە فورۋودىكى ئاناتىلى ئۇيغۇرتىلى بولغان ئەزالار سانى ئېشىپلا قالماستىن، كۈندە قەرەللىك سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇز قوشىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ بارغان. بولۇپمۇ فورۋودىكى boyhero(ئەسلى ئىسمى دىلمۇرات توختى) ناملىق ئەزا قىسقا ۋاقىتتا 5 يۈزدىن ئارتۇق سۆزلۈككە تەلەپپۇز قوشۇپ، سۆزلۈك قوشۇش مىقدارى رېتىدە ئۇزدىلنىڭ كەينىدە 2-ئورۇندا تۇرغان، ھەمدە فورۋوغا سۆز قوشۇش سىن دەرسلىكى ئىشلەپ تارقىتىپ، يۇقارقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىمىزگە ئالاھىيدە تۆھپە قوشقان.

فورۋودىكى ئۇيغۇرچە سۆزلۈك تەلەپپۇزىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىش ھارپىسىدا، فورۋو تەرەپنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى بېتى ۋە تەرجىمە مۇلازىمىتى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى بىزگە تېزراق تەمىنلىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇيغۇرتىلىنىڭ قوللىنىشى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىپ كۈچ چىقىرىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشىغا ئۇتۇق، مۇبارەك تېنىغا سالامەتلىك تىلەيمىز!

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

باھا يوللاش

سەيياھ ئىپادە
Ctrl+Enter تېز يوللاش

باھا (0)